جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدۇ.

1592497
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلىدىغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش باسقۇچىدىن قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانىنىڭ تەپسىلاتلىرى مۇئەييەنلىشىدۇ.

يىغىندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نورمال ئوقۇ – ئوقۇتۇش، رېستوران ۋە چايخانىلارنىڭ ئەھۋالى، ھەمدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىلىرى توغرىسىدىكى يېڭى قارارلارنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىدۇ.

كابىنېت يىغىنىدا يەنە تۈركىيەدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن تەلەپ قىلىنغان ۋاكسىنىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە يەرلىك ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىگە قاراپ چىقىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر