ئۆمەر چەلىك گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئۇرۇپ، پۇلى ۋە پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەيىپلىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدىرنە چېگراسىدا كۆچمەنلەرنى ئۇرغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پۇلى ۋە پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1592207
ئۆمەر چەلىك گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئۇرۇپ، پۇلى ۋە پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەيىپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، گىرېتسىيە قىسىملىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە خىلاپ پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر چەلىك: «بىز گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدىرنە چېگراسىدا كۆچمەنلەرنى ئۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۇلى ۋە پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ھەتتا ئاياغلىرىنىمۇ تارتىۋىلىپ چېگرا لىنىيەسىدىن چىقارغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۆمەر چەلىك: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز چېگراسىدىكى بۇ ئىنسانىيەتكە خىلاپ قىلمىشلارغا يول قويماسلىقى كېرەك. بۇ چېگرانى قوغداش ئەمەس، ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇقق دەپسەندىچىلىكىدۇر. بۇ خىل چېگرا قوغداش ھەرىكىتى بىلەن چېگرالىرىنى قوغداپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مىللىتىمىز ھەر دائىم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ پاناھجايى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلدى ۋە بۇ  بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپتىخارلىنىش مەنبەلىرىمىزنىڭ بىرسىدۇر. ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار بولغان 29 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان مەھمەتچىلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر