ئەردوغان ئوسمانلى شاھزادىسى ئابدۇلكەرىم دوندار ئوسمانئوغلۇ ئۈچۈن ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد خاننىڭ  4-ئەۋلاد نەۋرىسى، شاھزادە ئابدۇلكەرىم دوندار ئوسمانئوغلۇ، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ۋاپات بولدى.

1592104
ئەردوغان ئوسمانلى شاھزادىسى ئابدۇلكەرىم دوندار ئوسمانئوغلۇ ئۈچۈن ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاھزادە ئابدۇلكەرىم دوندار ئوسمانئوغلۇ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاكىسى ئوسمانلى خاندانى رەئىسى ھارۇن ئوسمانئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە تېلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ھارۇن ئوسمانئوغلۇمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئەردوغانغا دائىم دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۆھبەتتە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت 1 قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان  «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدىمۇ توختالغان ھارۇن ئوسمانئوغلۇ، بۇ يۈرۈشلۈك فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ھارۇن ئوسمانئوغلۇنىڭ ئايالى فارىزەت ئوسمانئوغلۇ ۋە قىزى نۇرخان ئوسمانئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئۇلارمۇ  26-فېۋرال كۈنى 67 ياشقا كىرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر