قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، يەنە 2 تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە، بۆلگۈنچى تېرېورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى، 2 تېررورچىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1592110
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ساقچى ئىدارىسى ۋە ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك دىن قېچىپ كەلگەن 2 نەپەر تەشكىلات ئەزاسى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغان.
بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ 2014-ۋە 2015-يىللىرى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە قايىل قىلىش ئارقىلىقلا تەسلىم بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 31 گە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.