ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ سابىق باش مىنىستىرلاردىن مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1591824
ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەرباقان ۋاپاتىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش، خىزمەت قىلىشقا، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇپقىنى كېڭەيتىشكە بېغىشلىغان ئۇلۇغ ئالىم، دۆلەت ئەربابى ۋە سىياسىيون پىروفېسسور دوكتور نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇستازىمىزنى، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەكسىز مىننەتنارلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باياناتىدا، ئەرباقاننىڭ فوتو سۈرىتىگە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قەبرىسىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلغان ئەرباقاننىڭ ھەم ئاكادېمىك سۈپىتىدە، ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسەتتىكى ۋەزىپىلىرى بىلەن تۈركىيەگە ناھايىتى چوڭ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، تۆھپىلەرنى قوشقان كاتتا دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى پەقەت ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇ يېتىشتۈرگەن ئىنسانلار، تۈركىيەگە سۇنغان ئۇپۇقلار، لايىھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ نەجمۇددىندۇر، يەنى دىننىڭ چولپىنىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر