ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1591263
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە زىيارىتىنى خۇشاللىق ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىننى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «يېقىن دوستۇم ۋە ئىتتىپاقدىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇبارەك بولسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر