ئەردوغان: بىز سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

1591423
ئەردوغان: بىز سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (ئەرمېنىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ): «بىز سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى تۇرىمىز. سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ ئەرمېنىيەدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئەسكەرلەرنىڭ ئىشلارغا ئارىلىشىش ئارقىلىق گويا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بولۇشى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئىش ئەمەس» دېدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ خەلق تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدىغان باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئەمما ئىش سىياسىي ئۆزگىرىشكە كەلگەندە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەمىز پەرقلىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنى ئەرمېنىيە خەلقى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنى ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە تاپشۇرۇپ لازىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر