تۈركىيە گوللاندىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1591001
تۈركىيە گوللاندىيەنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا تۈنۈگۈن قوبۇل قىلىنغان قارارغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، مۇنداق دېدى: «25 – فېۋرال كۈنى گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەتنى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان قارارى، سىياسىي مۇددىئالار بىلەن تارىخنى قايتا يېزىشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسى بولۇپ، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. دەرۋەقە، مەجلىسلەر تارىخ يېزىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئورۇنلىرى ئەمەستۇر، بۇ قارارنى قوللىغانلار، 1915 – يىلى ھەقىقەتتە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرۇلۇق ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا، ئاۋامچىلىقنى قالقان قىلىپ، خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كلتۈرۈشنىڭ كۇيىدا بولۇۋاتىدۇ.»

مەزكۇر قارارغا ئىمزا قويغۇچىلارنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1948 – يىلقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» بىلەن ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ قارارىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان ئاقسوي، مۇنداق دېدى: «تارىخىي بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا چاقىرىمىز، ئەرمېنىيە جاۋاب بەرمىگەن بىرلەشمە تارىخ كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىمىز دەل مۇشۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرىدۇر.»

ئاقسوي، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە دائىم دېگۈدەك قىلغىنىدەك، رېېاللىقتىن يىراق، تۈركىيەگە قارشى قارارلارنى چىقىرىشنىڭ ئورنىغا، ۋەزىپە ئۆتۈش ئوبيېكتىنى، بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋە گوللاندىيەدىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى كۈندىلىك دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقچىلىق، ئىسلام ھەم چەت ئەل دۈشمەنلىكىگە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگىچە بېرىپ تاقىلىدىغان ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا كۈرەش قىلىشقا مەركەزلشتۈرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر