فاھرەتتىن كوجا مېيېر لاندرۇت بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھەيئىتى باشلىقى باش ئەلچى نىكولائۇس مېيېر لاندرۇت بىلەن كۆرۈشتى.

1591364
فاھرەتتىن كوجا  مېيېر لاندرۇت بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مېيېر لانرۇت بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر كوجا ئۇچۇرىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان تۈرلەر ۋە يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى توغرىسىدا كېڭەشتۇق. بىزنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر