چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيەدە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر تەۋرەش قاتارلىق ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1591457
چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيەدە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىرودىيەدە، ئۆتكەن يىلى (2020) دېكابىر ئېيىدا يۈز بەرگەن 6.3 بال يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان پېترىنجا (Petrinja) شەھىرىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر تومو مېدۋېد (Tomo Medved) ۋە كىرودىيە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى گوردون گرلىج رادمان (Gordon Grlic Radman ) بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى كۈن بۇرۇن سىساك-موسلاۋىنا ۋە پېترىنجادا يۈز بەرگەن 4.1 بال يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، كىرودىيە خەلقىگە سەۋر تىلىدى.

ئۇ: «كىرودىيە مىنىستىرلىرى بۇ يەر تەۋرەشتە كۆرۈلگەن زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە ۋەيران بولغان جايلارنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن توختىماي پىلانلىق ھالدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقلارنى تۈركىيەدە تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ، بىز ئۇلارنى تەقدىرلەيمىز» دېدى.

ئۇ يەر تەۋرەش، تەبىئىي ئاپەت ۋە ۋابالارنىڭ، ھاياتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتلەرگە تەييار تۇرۇش كېرەك. قەيەردە ئاپەت يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش كېرەك. ئۇ دۆلەت خەلقىنىمۇ قوللاش كېرەك. بىز تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى كىرودىيەدىن ۋە كىرودىيە خەلقىدىن كۆردۇق. ئىزمىردە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ماڭا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلغان دوستلىرىمزىنىڭ بىرى دوستۇم گوردون بولدى. بۇ سەۋەبتىن، بىزمۇ بۇ يەردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن كىرودىيەگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلدۇق» دېدى.

ئۇ تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەرھال رايونغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭمۇ ئاپەت جايلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كىرودىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلىرىمىزمۇ تۈرك خەلقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى بۇ يەردە نامايان قىلدى. بارلىق ئىدارە-ئورگان ۋە شىركەتلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى كىرودىيە بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە توپلىغان تەجرىبىلىرىمىزنى دوست كىرودىيە بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمىز. ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ياردەملەرنى قىلىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2020) ئالبانىيەدە يەر تەۋرىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، تۈركىيەنىڭ ئالبانىيەگە ئىزچىل ھالدا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رادمان بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، باش مىنىستىر ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ. يەر تەۋرەش ۋە ئاپەتلەر توغرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى قانداق كۈچلەندۈرىدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر