فاھرەتتىن كوجا ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋابانىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى ۋە نورماللىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مەزگىلىگە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
1590894
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا: «ئەمدى ۋابانىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى ۋە نورماللىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مەزگىلىگە ئۆتىمىز. بۇ يەرلىك قارار مەزگىلى» دېدى.
ئۇ بىلىم كېڭىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ: «ۋاكسىنا ئەملەشتە تەخمىنەن 1.5 مىليونى ئىككىنچى قېتىملىقى بولۇپ، 8 مىليون سەۋىيەسىگە يەتتۇق. ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىدىكى بىرىنچى باسقۇچنىڭ ئاخىرىغا يېقىنلاشتۇق» دېدى.