چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە كىرودىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1590454
چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كىرودىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پۇرسەتلىرى بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كىرودىيەدىكى يەر تەۋرەش رايونىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر