ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا  ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىندا، ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1589665
ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاسالانغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا يارىلانغان. پارتلاش ئەتراپقا ئېغىز زىيان يەتكۈزگەن. يارىدارلار  رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.

ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر