تۈركىيە كۆكەرتىش ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيەنىڭ ئورمان بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆكەرتىش ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلدى.

1589749
تۈركىيە كۆكەرتىش ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 2015 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يەر شارى ئورمان بايلىقىنى باھالاش» دوكلاتىغا قارىغاندا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە كۆچەت تىكىش ئارقىلىق ئورمان بايلىقىنى كۈنسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 19 بالداق ئۆرلەپ، 46 – رەتتىن 27 رەتكە تىزىلغان.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ كۆچەت تىككەن دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى، دونيا بويىچە ئالتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا، 1973- يىلىدىكى ئورمان زاپىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ 20 مىليون 199 مىڭ 296 گېكتار ئورمانلىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، بۇ كۆلەمنىڭ 2018- يىلى 22 مىليون 621 مىڭ 935 گېكتارغا، بۇلتۇر 22 مىليون 740 مىڭ گېكتارغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تۈركىيە ئورمانچىلىق ئىدارىسى باش دېرىكتورى بەكىر كاراجابەينىڭ، تۈركىيەنىڭ ئورمان بايلىقىنى ئاسراش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ كۆچەت تىكىشكە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا ئورۇن ئالغان بولۇشىنىڭ كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغانلىقىنى — سۆيۈندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزنىڭ ئورمانلىق كۆلىمىدىكى ئېشىشنىڭ خەلقئارانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى 18 يىلدا ئورمان بايلىقىمىزنى 2 مىليون 100 مىڭ گېكتار ئاشۇردۇق. 2023- يىلىدىكى نىشانىمىز بولسا، بۇ كۆلەمنى 23 مىليون 400 مىڭ گېكتارغا، يەنى دۆلەت يەر كۆلىمىنىڭ %30 تىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر