مائارىپ مىنىستىرى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق چورۇمدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى.

1589673
مائارىپ مىنىستىرى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلچۇق، 1 – مارت كۈنى باشلىنىدىغان يۈزتۇرانە ئوقۇ - ئوقۇش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ، 2-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئوقۇتقۇچىلارغا تۇنجى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرى، بۈگۈن چورۇمدىكى ئارىفەگازىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە باشلاندى.

مىنىستىر زنيا سەلچۇقمۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى، ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەھىيە ئورگانلىرىدا ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۈزتۇرانە ئوقۇ – ئوقۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار  ئالدى بىلەن ۋاكسىنا ئەملىنىدىغان گۇرۇپپىلار قاتارىدا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر