ئەردوغان ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىت مەرەدوۋنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

1589320
ئەردوغان ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى
ceyhun bayramov-erdogan.jpg
meredov-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىت مەرەدوۋنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى ۋە كۆرۈشۈش يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرەدوۋ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.

ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋنىمۇ قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر