تۈركىيەدە بۈگۈن 75يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن75كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1589366
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن75كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى28مىڭ 213كە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 123مىڭ.734كىشىنىڭ633نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 9مىڭ107گە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان5مىڭ546كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 534مىڭ996گە يەتتى.