ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «قەيەردە ۋە قايسى ئۇۋىدا تېررورىست بولسا، بىزمۇ ئۇ ئۇۋىدا بولىمىز» دېدى.

1588430
ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەنىڭ ئىزمىر 7-نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ: «ئارمىيەسى بىلەن بۇ ئەزىز ۋەتەننى ئىشغال قىلىشقا كۆزى يەتمىگەنلەر، يېڭى ۋاستىلەرنى ئىشقا سالدى. تېررورلۇق بۇ ۋاستىلەرنىڭ ئەڭ قانلىقى ۋە ئەڭ زالىمىدۇر. ھاككارى تېررورلۇقنىڭ دەردىنى ئەڭ كۆپ تارتقان ۋىلايەتلىرىمىزنىڭ بىرى. ئىزمىردە تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان نۇرغۇن پۇقرالىرىمىز ياشايدۇ. پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەخلاقسىز ۋە ۋىجدانسىز يۈزىنى، ئۇلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«بىز جۇدىدە بار، بىز گاباردا بار، بىز تەندۈرەكتە بار، بىز بەسلەر دەرەسىدە بار. قەيەردە ۋە قايسى ئۇۋىدا تېررورىست بولسا، بىز ئۇ ئۇۋىدا بار بولىمىز. ئۇ يەرلەرنى ئۇلارنىڭ مازارلىقى قىلدۇق. ئونمىڭلارچە دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېررورىستلار، ئەمدى يۈزلەرچە دەپ تىلغا ئېلىنماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر