تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1588141
تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋنىڭ ئەتە (2021-يىلى 23-فېۋرال) تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركمەنىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى، مەرەدوۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى؛ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشلاردا، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر بىلەن، ئۆز ئارا ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ، ئىككى تەرەپ ۋە ئۈچ تەرەپ شەكلىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر