تۈركىيە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە سومالىدا سايلام مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلار سەۋەب بولغان ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1588094
تۈركىيە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالىدىكى سايلام مۇساپىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سومالىدا يېقىنقى كۈنلەردە سايلام مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلار سەۋەب بولغان سەلبىي ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

باياناتتا، بارلىق تەرەپلەرگە زوراۋانلىققا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، سالماقلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا: «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2020-يىلى 17-سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئاساسىدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئىجابىي دىيالوگ ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سومالى خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەش ئىرادىسىگە ۋە سىياسىي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىگە بولغان ئىشەنچى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بىر رامكىدا، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا سايلام مۇساپىسى مەسىلىسىدە كۆپ كېچىكمەستىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

سومالىدا ئۆكتىچى پىرېزىدېنت نامزاتلىرى خەلقنى پىرېزىدېنت مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇنىڭ 2021-يىلى 8-فېۋرالدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان بولۇشىغا قارىماي تەختتە ئولتۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن مەيدانلارغا چاقىرغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر نامايىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، 17-فېۋرال (2021) بارلىق يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى چەكلەپ، يىرىكچىلىكلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-فېۋرال) پايتەخت مۇقدىشۇدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر