جېيمىس جېفرېي ئامېرىكانىڭ گارا قەتلىئامى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ «ئەخمەقلارچە» بولغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكانىڭ سابىق سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېفرېي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گارا قەتلىئامى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ «ئەخمەقلارچە» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1587654
جېيمىس جېفرېي ئامېرىكانىڭ گارا قەتلىئامى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ «ئەخمەقلارچە» بولغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گارادىكى بىر ئۆڭكۈردە 13 تۈركىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە بىر ھەپتە بولغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەگەر تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىسپاتلانسا، بىز ئۇلارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېفرېي بۇ باياناتقا قارىتا: «مەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەخمەقلارچە بۇ تۇنجى باياناتىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاسان يولىنى تاپالمىدىم» دېدى ۋە بۇ باياناتنى ئوقۇغاندا ھەيران قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ ئەھۋال يېڭى گۇرۇپپىنىڭ تەجرىبىسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەردە تولا كۆرۈلىدىغان ئادەت. بۇ ياخشى ئويلىشىلمىغان بىر بايانات بولدى، بۇ سەۋەبتىن مەن كەچۈرۈم سورايمەن» دېدى.

جامېس جېفرېي يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇنىڭ ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتىپ،  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ ياخشى بىر ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر