ئالتۇن خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن بىلەن كۆرۈشتى.

1587206
ئالتۇن خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن بىلەن ئىدارىمىزدا بىر يەرگە جەم بولدۇق، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى  ليۇ شاۋبىن ئەپەندىمگە يەتكۈزدۇق، ئۇچرىشىشتا، ‹كوۋىد – 19 يۇقۇمى› ۋاكسىنىسى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر