ئەردوغان بىلەن ئەرسىن تاتار تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1586725
ئەردوغان بىلەن ئەرسىن تاتار تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەرسىن تاتارنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ۋە ئەرسىن تاتارنىڭ رەگائىپ قەندىلىنى تەبرىكلىگەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، قىبرىسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ، ۋاكسىنا مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، بۇرۇنقىدەكلا قوللىرىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ رەcائىپ قەندىلىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ ھەر قاچان بولغىنىدەك، بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن يېقىن ۋە ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قىبرىس تۈرك خەلقى نامىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر