چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.
1586535
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر، چاۋۇشوغلۇ بىلەن لاۋروۋنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.