ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

1585805
ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا مىنىستىر خۇلۇسى ئاقارمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىننىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

مىنىستىر ئاقار يىغىندا تۈركىيەنىڭ ناتوغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللىي پائالىيەتلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ جەرياندا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ بىر سوئالغا جاۋابەن، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ئارقىلىق مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۈلپىتىنى ئەڭ كۆپ تارتقان ناتو ئىتتىپاقدىشى» دېگەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە مىليونلىغان پاناھلانغۇچىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر