تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ69-يىللىقى تەبرىكلەندى

ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ باشلىقى گېرالد كوننولى (Gerald Connolly) تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاق دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1586275
تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ69-يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ باشلىقى گېرالد كوننولى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى تەرىپىدىن باشلانغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانسېرى ياقتۇرۇلۇشقا ئېرىشىۋاتقان «120سېكۇنت» يۇمتال پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 69-يىللىقىنى تەبرىكلەپ: «تۈركىيەنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىككە ۋە ئورتاق مەنىۋىيەتلەرگە قوشقان چوڭ تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە خەلقىنى تەبرىكلەيمەن ۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:

«تۈركىيە 1952-يىلى ناتوغا قاتناشقاندىن تارتىپ سابىق سوۋېتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن قارا دېڭىزدىكى ھۇجۇملىرىغىچە، تېررورىزمدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى كەڭ كۆلەملىك مۇقىمسىزلىققىچە، ئىتتىپاق دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئورۇن ئالدى. باشتىن تارتىپ شىمالىي ئاتلانتىكنىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغان تۈركىيە، ئىتتىپاقنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى دوستلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، غەربىي بالقانلار ۋە ئافغانستاندا مۇقىملىقنى ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا كۈچ چىقىرىپ، مىليونلارچە مۇساپىرغا قۇچاق ئېچىپ چوڭ رول ئوينىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، ناتومۇ قوغدىنىشقا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، قاچان لازىم بولسا، شۇ چاغدا تۈركىيەنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر