ئېفىيوپىيە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك تەكلىپىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئېفىيوپىيە، تۈركىيەنىڭ سۇدان - ئېفىيوپىيە چېگرا ئىختىلاپىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1585051
ئېفىيوپىيە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك تەكلىپىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دىنا مۇپتىنى تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنى سۇدان بىلەن ئۇرۇش ھالىتىگە ئېلىپ كىرىدىغان فاشكا رايونىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىزدە ئۇرۇش قىلىش يوق، ئەگەر تۈركىيە تەرىپىدىن مۇرەسسەچىلىك تەكلىپ قىلىنسا، ئېفىيوپىيە بۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئېفىيوپىيە 15- فېۋرالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت باشلانغانلىقىنىڭ 125 - يىلىنى تەبرىكلىدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 15- فېۋرالدا ئېفىيوپىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېمەكې مېكوننېن بىلەن ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانا بىناسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر