تۈركىيەدە مارت ئېيىدا نورماللىشىش مۇساپىسى باشلىنىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

1585671
تۈركىيەدە مارت ئېيىدا نورماللىشىش مۇساپىسى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مىنىستىرلىقىمىز بەلگىلىگەن شەرتلەر بويىچە ۋىلايەتلىرىمىزنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىپ، مارت ئېيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىش مۇساپىسىنى باشلايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «يەنە بىر ئاز سەۋر قىلىش ۋە بىر ئاز پىداكارلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مۇسىبەتنى تەھدىت بولۇشتىن چىقىرالايدىغان نۇقتىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر