سۈرىيەدىن قانۇنسىز شەكىلدە تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئالتە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان چەت ئەل پۇقراسى ئالتە كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

1585149
سۈرىيەدىن قانۇنسىز شەكىلدە تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئالتە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «خاتاي نارلىجادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئەسى بۈركۈتلىرىمىز سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كىرمەكچى بولغان بەشى رۇسىيەلىك، بىرى لىۋىيەلىك بولۇپ جەمئىي ئالتە كىشىنى قولغا چۈشۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا يەنە: «قولغا چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى رۇسىيەلىك بىر ئايالنىڭ دائېش تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئېنىقلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر