تۈركىيە ئەربىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1584380
تۈركىيە ئەربىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىمۇ نىشان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئەربىل خەلقىگە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە، ئىراق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىزمۇ ئورۇن ئېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى مەنسۇپلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىراق دائىرىلىرىنىڭ، ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنى تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىپ، ئادالەت ئالدىدا ھېساب ئېلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھۇجۇملار، ئىراقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن دۆلەت تېرروتېرىيەلىرىدە ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماسلىقنىڭ، ھەمدە دۆلەت ئورگانلىرىنى كەڭ دائىرىلىك كۈچلەندۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.»

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي بازىسىمۇ جايلاشقان ئايرودۇرۇمغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا بىر كىشى قازا قىلغان، 6 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر