چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىلىنكېن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1584301
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىلىنكېن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن چاۋۇشئوغلۇغا گارادا شېھىت قىلىنغان 13 تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، چاۋۇشئوغلۇ بىلىنكېننى يېڭى ۋەزىپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىللىنكېن، بىر قىسىم رايونلۇق مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)، پ ك ك/پ ي د، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، (تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان) س – 400 (باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى)، سۈرىيە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئوچۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىقمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۈن تەرتىپتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا «بىللىنكېن بىلەن چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ سىياسىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىشى يولىدىكى خىزمەتلەرنى قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر