چەلىك ۋە قالىن ۋىلدېرسقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋىلدېرسقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1584259
چەلىك ۋە قالىن ۋىلدېرسقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، گوللاندىيەلىك تۈركىيە ۋە ئىسلام دۈشمىنى، ئاشقۇن ئوڭچىل ئەركىنلىك پارتىيەسى باشلىقى گېرت ۋىلدېرسنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتىلغان بولمىغۇر سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك ۋىلدېرسقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ھۇجۇم قىلغان بۇ فاشىسىت، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا ياشىغان بولسا لەنەت بىلەن ئەسكە ئېلىنىدىغان بىر ناتسىست بولغان بولاتتى. ئەگەر نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ياشىغان بولسا ئىدى، دائېش ئەزاسى بىر قاتىل بولغان بولاتتى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ۋىلدېرسنىڭ سۈرىتىنى ئورتاقلىشىپ «دەلدۈش» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر