ئەردوغان  مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېكونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1579736
ئەردوغان  مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر  ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، ئەردوغان، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي بىر كۈنتەرتىپكە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مارت ئېيىدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغىچە ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ كۆپەيتىلىپ، تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئادىل ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 18 - مارت ئورتاق كېلىشىم لايىھەسى  (تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قايتا قوبۇل قىلىش بەدىلىگە تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى) نى يېڭىلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنىڭ دەرھال ئىشلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، پورتۇگالىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىدنى قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىمۇ، مېركېلنىڭ تالاش – تارتىشلىق مەسىلىلەردە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەشمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا ئاخىرقى ئىجابىي سىگناللىرى ۋە ئۆزگىرىشلەردىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر