تۈركىيە بوغازئىچى ئۇنىۋېرىستېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە، ئىستانبۇل بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار بەزى باياناتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1577016
تۈركىيە بوغازئىچى ئۇنىۋېرىستېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە يىغىن ۋە نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھازىرغىچە قانداق بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قانۇنلاردا كۆرسىتىلگەن سالاھىيىتىگە ئاساسەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ ۋەقەلەرگە ئارىلىشىش ۋە كۈشكۈرتۈش قىلمىشلىرى ئېنىقلانغان بولۇپ، نامايىش قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارشى قانۇنلىرىمىز دائىرىسىدە تېگىشلىك، شۇنداقلا مۇۋازىنەتلىك تەدبىرلەر قوللىنىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللانغان گۇرۇپپىلارنى كۈشكۈرتىدىغان ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا مەزكۇر تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرىمىز» دېيىلگەن باياناتتا، يېقىنقى مەزگىللەردە «ئىلغار» دېموكراتىيە دەپ ئاتىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەرگە قىلىنغان كىچىككىنە ئېتىرازلارغا، ھەتتا بىگۇناھ پۇقرالارغا قارشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ تېخى ئەستىن چىقىپ كەتكىنى يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قارشى قانۇن بويىچە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، تۈركىيەگە دېموكراتىيە ۋە قانۇن دەرسلىرى بېرىشكە ئۇرۇنغانلارغا ئەينەككە قاراش تەۋسىيە قىلىنغان باياناتتا: «تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاساسىي ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسلاھات قەدەملىرى ئارقىلىق نامايان قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارغا چېتىشلىق قاتلاملارنىڭ بۇ ساھەلەردىكى سۇيىئىستېماللىرىغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭمۇ قەتئىي ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر