«يۇنۇس ئەمرە ۋە تۈركچە يىلى» قارارنامىسى ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2021 – يىلىنىڭ «يۇنۇس ئەمرە ۋە تۈركچە يىلى» بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئېلان قىلدى.

1573955
«يۇنۇس ئەمرە ۋە تۈركچە يىلى» قارارنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامىدە، تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولغان يۇنۇس ئەمرە ۋاپاتىنىڭ 700 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2021 – يىلىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) تەرىپىدىن خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش يىلللىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدا ئىنسان ۋە تەبىئەت سۆيگۈسى، خۇش پېئىللىق، قېرىنداشلىق ۋە تىنچلىق ئاتالغۇلىرىنى پاساھەتلىك تۈرك تىلى بىلەن بايان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ شېئىرلار ئارقىلىق دىن، تىل ۋە ئىرق ئايرىماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەكە خىتاب قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىنسانىي قىممەتلەر ئۈستىگە بىنا قىلىنغان پەلسەپەسى بىلەن دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى ئورتاق قىممەت ئۆلچەملىرى ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈپ، دەۋردىن ھالقىغان بىر شائىرغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يۇنۇس ئەمرەنىڭ ھەم دۇنيا ئىنسانىيىتىگە ئورتاق بىر قىممەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىشى، ھەمدە دۆلىتىمىزگە يەنە بىر قېتىم خاتىرىتىلىشى مەقسىتىدە، 2021 – يىلىنىڭ <بىزنىڭ يۇنۇس> تەرىقىسىدە خاتىرلىنىشى، يۇنۇس ئەمرەنىڭ مىراسى بولغان تۈركچەنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلىنىشى، مەدەنىيەت تىلى كىملىكى بىلەن ئاڭلىق ھالدا ۋە توغرا شەكىلدە ئىشلىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، <دۇنيا يىلى تۈركچە> ئىسمى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە چەت ئەللەردە سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قارارلاشتۇرۇلدى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت  ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەردىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىرىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر