ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرى ساھىللىرىدا گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 48 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1574061
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، چەشمە ناھىيەسى ساھىللىرىدا، گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن  19 كۆچمەننى، دىكىلى ناھىيەسى ساھىللىرىدا بولسا 29 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان 48 كۆچمەن، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر