ئاقار گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1574046
ئاقار گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە يېڭى يىلدا تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك رەسمىي زىيارەت 2 – فېۋرال كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، بېرلىندا گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشى كرامپ – كاررېنبائېر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئاقارنىڭ خىزمەت زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى، شەرقىي ئاقدېڭىز دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلىدۇ.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ – كاررېنبائېر ئۆتكەن ھەپتە گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئاقار بىلەن كارېانبائېرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ، گېرمانىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز سۈركىىلىشىنىڭ ئازايتىلىشى يولىدا ئويناۋاتقان مۇرەسسەچىلىك رولى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاررېنبائېر، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا 25 – يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر