ئەردوغان: ۋاپات بولغانلار سانىدىكى تۆۋەنلەش ماڭا ئۈمىد بېغىشلىماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىلىم – پەن كومىتېتى باياناتلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1573701
ئەردوغان: ۋاپات بولغانلار سانىدىكى تۆۋەنلەش ماڭا ئۈمىد بېغىشلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىلىم – پەن كومىتېتى باياناتلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ۋاپات بولغانلار سانىدىكى تۆۋەنلەش ماڭا كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلىماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا بايانات بېرىپ، «(ۋىرۇسنىڭ) ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدا بەزى سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقى راست، بىراق — ئىنشائاللاھ — ئۇنىمۇ يېڭىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئەردوغان ئېلون ماسك بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بولسا: «تۈركسات—5 ئا غا تەييارلىنىۋاتىمىز. مەن بىر دوستىمىزنى (ماسك بىلەن) بىرلىكتە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىشىكە مەسئۇل قىلىمەن، ئۇ ئېلون ماسك بىلەن ئالاقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر