تۈركىيە كامېرونغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، كامېروننىڭ غەربىدىكى دشاڭ بازىرىدا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1573463
تۈركىيە كامېرونغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 27 – يانۋاردىكى قاتناش ۋەقەسىدە 53 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «كامېرون خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كامېرون تاراتقۇلىرى، 70 دەك يولۇچى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ دىشاڭ بازىرىغا يېقىن يەردىكى فالايس رايونىدا بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 53 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 29 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە سوقۇلۇشنىڭ تەسىرىدە ماشىنىلارغا ئوت كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر