خىتايغا بور توشۇش پويىزى يولغا چىقتى

خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىگە بارىدىغان يېڭى ئېكىسپورت پويىزى ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىدىن يولغا چىقتى.

1573514
خىتايغا بور توشۇش پويىزى يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لىنىيەسىدىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچىنچى ئېكسپورت پويىزىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى.

تۈركىيەدىن خىتايغا بارىدىغان پويىزنى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز بىلەن قاتناش ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ ئۇزىتىپ قويدى.

مىنىستىر دۆنمەز بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەدىن خىتايغا تۆمۈر يولى ئارقىلىق تۇنجى بور ئېكسپورتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ  مۇنداق دېدى: «دېڭىز يولى ئارقىلىق تەخمىنەن 45 – 60 كۈن ئارىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېكسپورتنى 15 – 20 كۈن ئىچىدە تاماملىيالايمىز.»

42 كونتېينېر ئىچىدە توشۇلىدىغان بور، ئەتى كان ئىشلىرى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنماقتا.

پويىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سەپىرى ئەنقەرە – سىۋاس لىنىيەسىدىن باشلىنىدۇ، گىرۇزىيە – ئەزەربەيجان – ھازار دېڭىزى ئۆتۈش ئېغىزى – قازاقىستان ئارقىلىق خىتايدا تاماملىنىدۇ.

پويىزنىڭ خىتاي سەپىرى ئۇدا 12 كۈن داۋاملىشىدۇ. پيىز بۇ سەپەر جەريانىدا 2 قىتئە، 2 دېڭىزدىن ھالقىپ، جەمئىي 7 مىڭ 792 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر