چاۋۇشئوغلۇ بىلەن زەرىف قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1573606
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن زەرىف قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن ئىستانبۇلدىكى «دولماباھچە سارىيى» دا بىر يەرگە جەم بولدى، ئايرىم ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى سەۋەبىدىن يغىنلىرىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. <ئاستانا فورماتسىيەسى> دائىرىسىدە 3 تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى تېھراندا چاقىلىرىدۇ، بۇ ھەقتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بۈگۈن ئىشقا كىرىشتۈردۇق.»

جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا (ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا) ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ھەممىنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «پەقەت ئۈمىد قىلىشلا يېتەرلىك ئەمەس، ھەسسە قوشۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ھەققىدە 3+3 فورماتسىيەسى تەرىقىسىدە بىر ھەمكارلىقنى پىلانلاۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ ئىران – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت 3 تەرەپ  ئىمزالىغان يادرو كېلىشىمىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ كېلىشىمگە قايتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ ئارقىلىق قېرىنداش دۆلەت ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار بىكار قىلىنار.»

بۇنىڭدىن 4 كۈن بۇرۇن «موزارت» ناملىق پاراخوتنىڭ نىگېرىيە دېڭىز ساھىللىرىدا گىۋىنېيە قولتۇقىدا كېتىۋاتقاندا دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلىقى توغرۇلۇق توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر ئالدۇق، كاپىتان بىلەن پاراخوت خادىمى شىركەت بىلەن ئالاقە ئورناتتى، 15 قېرىندىشىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق، باسقۇچ ۋە  تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن، خۇدايىم بۇيرۇسا، يېقىندا خۇش خەۋەرلەرنى ئالىمىز. ھۇجۇمدىن قۇتۇلۇپ قالغان 4 – كاپىتان بىلەن 2 پۇقرايىمىز، بۈگۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە كېلىدۇ. بىزنىڭ پاراخوتلىرىمىز ۋە باشقا پاراخوتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدى ئېلىنىشى مەسىلىسىدە قانداق قەدەملەرنى تاشلاش توغرۇلۇق رايون دۆلەتلىرى بىلەنمۇ مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىراندا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز، يېقىندا زىيارەت ۋاقتىنى بېكىتىپ چىقىمىز. ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ كاۋكاز رايونى مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى چوقۇم رايون دۆلەتلىرىگە پايدىلىق بولىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخىمۇ مەنتىقىلىق پوزىتسىيە تۇتۇشى بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر