ئەردوغان ماسك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېسلا ۋە  SpaceX نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1572639
ئەردوغان ماسك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرى BiP  ۋە Telegram  سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماسك بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېخنولوگىيە ساھەسىدە دۆلىتىمىزدىكى ۋە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە مىللىتىمىزگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش مەقسىتىدە، بۇ ساھەدە تاشلىنىۋاتقان ھەر بىر قەدەمنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر