تۈبىتاك: يەرلىك ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ
تۈرك پەن - تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان يەرلىك ۋاكسىنىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1573014
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى — تۈبىتاك باشلىقى ھاسان ماندال جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈبىتاك ۋە تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم – پەن مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش» مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى ۋە مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «بۇ ۋاكسىنىلار چەت ئەلدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان ۋاكسىنىلارغا ئوخشىمايدۇ، بۇلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈمى ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ» دېدى.