دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چاقىرىلىدۇ.

1572746
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭمۇ بۈگۈنكى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرى قاتاردىن ئورۇن ئېلىشى پىلانلانماقتا.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭمۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يىغىندا، سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان ۋە لىۋىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەمدە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ، فەتۆ ۋە دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن رايونلۇق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر