چاۋۇشئوغلۇ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى «كېڭەش يىغىنلىرى» دەپ ئاتاپ: «ناھايىتى ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى» دېدى.

1572677
چاۋۇشئوغلۇ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى سىمون كوۋېنېي مىنىستىرلىقتا كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىگە دائىر بىر سوئالغا: «بەش يىلدىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇلالمىغان <كېڭەش يىغىنلىرى>، بۇرۇنقى نامى بىلەن <ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى> دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. دوستلىرىمىزنىڭ بىزگە بايان قىلىشىچە، يىغىن ناھايىتى ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى» دەپ جاۋاب بەردى.

چاۋۇشئوغلۇ، يىغىننىڭ 61- نۆۋەتلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ: «ئىلگىرى نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولسا، ئۇ مەسىلىلەر بۇ يىغىندىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. ئەلۋەتتە، بىر ياكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىغىندا ھەل قىلىنىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەسلىگە كېلىشى مۇھىم ئىدى. ئەلۋەتتە، ساھىبخانلىق قىلىش نۆۋىتى ئەمدى گىرېتسىيەدە» دېدى.

ئىككى دۆلەت بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ: «بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئىككى قوشنا ئوتتۇرىسىدا ھېچ بولمىغاندىمۇ سوغۇقچىلىقنىڭ ھازىرچە پەسكويغا چۈشۈشىگە، بەلكىم كەلگۈسىدە بۇ مەسىلىلەرگە ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىشقا پايدىسى بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر