چاۋۇشئوغلۇ ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىمون كوۋېنېي(Simon Coveney) بىلەن كۆپ تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى سەمىمىي شەكىلدە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1572668
چاۋۇشئوغلۇ ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىمون كوۋېنېي كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىرېلاندىيەلىك مەنسەپدېشىنى كۈتۈۋالغانلىقتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى، بولۇپمۇ سودا ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە قانداق تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئۆتكەن يىلى (2020) تەخمىنەن 1.5 مىليار دوللار ئەتراپىدا ئومۇمىي سودا ھەجىمى ئەمەلگە ئاشتى. بۇنى 3 مىليارد دوللارغا ناھايىتى ئاسان چىقىرالايمىز» دېدى.

ئۇ ساياھەتچىلىكنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەم ئىقتىسادىي ھەمدە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ساھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «2019-يىلى 95 مىڭغا يېقىن ئىرېلاندىيەلىك ساياھەتچى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلدى. ئەلبەتتە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ساياھەتلەرگە چەكلىمىلەر قويۇلدى، ئەمما بىخەتەر ساياھەت ئۇقۇمى بىلەن ئۆتكەن يىلى 15 مىليون ساياھەتچى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلدى» دېدى.

ئۇ ئىرېلاندىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تېمىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلالىشى ئۈچۈن سىياسەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىمىز. دۆلىتىمىزدە تېخىمۇ كۆپ ئىرېلاندىيەلىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىرېلاندىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى باشتىن تارتىپ قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر