ئەردوغان ھولوكوستنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلامغا قارشى تۇرۇش ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا «توختا» دېيىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1572006
ئەردوغان ھولوكوستنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق (ھولوكوست — يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى)نى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچقان تور بېكىتى weremember.gov.tr ​​دا سىنلىق ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

ئىنسانىيەت مۈشكۈل بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، كوۋىد – 19 يۇقۇمى بىلەن بىرلىكتە ئىرقچىلىق ۋىرۇسىنىڭمۇ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «جامە، ئىبادەتخانا ۋە چېركاۋغا ئوخشاش ئىبادەت ئورۇنلىرىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە كۆپىيىش بولۇۋاتىدۇ. مىللىي كىملىكى، دىنىي، تىلى، تاشقى كۆرۈنۈشى پەرقلىق قاتلاملارغا ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئىرقچىلىق تېررورى جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە ياشاش ئىرادىسىگە زەربە ئۇرىدىغان بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئۆتكەن ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئازابلىق ۋەقەلەر ئىرقچىلىق ئىدىئولوگىيىسىنىڭ قانداق ئازابلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىليونلارچە ئىنسان جېنىدىن ئايرىلغان چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا، رىۋاندا ۋە كامبودژا قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە مەسئۇلىيىتىنى  ئەسلىتىدىغان جانلىق مىسال ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، ئۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  چوڭ قىرغىنچىلىق، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا، رىۋاندا، كامبودژا تىراگېدىيەلىرىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «خۇسۇسەن رەقەملىك سۇپىلار ۋە نەشرىيات – ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەت ئەللىكلەرنى يامان كۆرۈش خاھىشلىرىغا <توختا> دېيىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر