تۈركىيە ب د ت تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندىغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندىغا 2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر مىليون دوللار تۆھپە قوشقان تۈركىيە، 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە شۇنچىلىك مەبلەغ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1571793
تۈركىيە ب د ت تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندىغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس دۇنيا مىقياسىدىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن «تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندى ۋەدە بېرىش يىغىنى» ئورۇنلاشتۇردى.

مەزكۇر يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلغان دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى باشلىقى باش ئەلچى فارۇق قايماقچى، تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ 2021- 2024- يىللىق تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندى ئىستراتېگىيەسى باشتا بولۇپ، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىنچلىقنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، جىنسىي باراۋەرلىكنى قوغداش ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت نىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان قايماقچى، تۈركىيەنىڭ ب د ت سىياسىي ئىشلار ۋە تىنچلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تارمىقىغا مەبلەغ ئاجراتقان تۇنجى ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فارۇق قايماقچى، تۈركىيەنىڭ يەنە ب د ت نىڭ ھەر خىل ساھەلەردىكى 30 خىل ئىشخانىسىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ب د ت تىنچلىق قۇرۇلۇشى فوندىغا 2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر مىليون دوللار تۆھپە قوشتۇق ۋە 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ يەنە شۇنچىلىك تۆھپە قوشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر