ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوتقا ياردەم بېرىش ئەترىتى گابونغا يېتىپ باردى

گىۋىنېيە قولتۇقىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان «موزارت» پاراخوتىنىڭ شىركەت مەسئۇللىرى ۋە ماتروسلاردىن تەركىب تاپقان 22 كىشىلىك ياردەم بېرىش ئەترىتى گابونغا يېتىپ باردى.

1571910
ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوتقا ياردەم بېرىش ئەترىتى گابونغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ لىبرېۋىلدىكى باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، گابونغا يېتىپ بارغان 22 كىشىلىك ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ باش ئەلچى نىلۈفەر ئەردەم قايغىسىز تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇ ئەترەتنىڭ بۈگۈن پاراخوت لەڭگەر تاشلىغان گېنتىل پورتىغا بېرىپ، پاراخوتقا چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىبېرىيە بايرىقى ئېسىلغان «موزارت» ناملىق پاراخوت 23- يانۋار نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرى دېڭىز قىرغىقىدىن 180 مىل يىراقلىقتا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

لاگوستىن جەنۇبى ئافرىقانىڭ كېيپتوۋن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان پاراخوتتىكى 19 پاراخوت خادىمىنىڭ ئەزەربەيجانلىق بىر مەنسۇپى ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەنىدى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوت ئۈچ نەپەر ماتروس تەرىپىدىن گابوننىڭ گېنتىل پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر