چاۋۇشئوغلۇ ۋىتېنبۇرگ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ۋىتېنبۇرگ يىغىنىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1572124
چاۋۇشئوغلۇ ۋىتېنبۇرگ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۇلتۇرنىڭ تۈركىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى سىناقلارغا دۇچ كەلگەن مۈشكۈل بىر يىل بولغانلىقىنى، بۇ يىل بولسا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى كۆزنىكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

8 – نۆۋەتلىك تۈركىيە - گوللاندىيە (ۋىتېنبۇرگ) يىغىنى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفان بىلوكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە توردا ئۆتكۈزۈلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ سىن يىغىنىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئىككى پەرقلىق بۇلۇڭىدىكى ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىتئەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇلتۇرنىڭ تۈركىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى سىناقلارغا دۇچ كەلگەن مۈشكۈل بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ: «ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا شەرق، قىبرىس، لىۋىيە، سۈرىيە، شۇنداقلا كاۋكاز رايونىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولغان ئالدىراش بىر يىل بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دېكابىردىكى باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەگە قولىنى ئۇزاتتى، بىزمۇ ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردۇق. ھازىر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت پەنجىرىمىز بار» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ماھىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇئەييەن ۋاقىت جەدۋىلى ئىچىدە «كونكرېت قەدەملەرنىڭ يول خەرىتىسى»نى سىزىپ چىقىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەمىمىي شېرىكچىلىكىنىڭ سودا، ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، سۈرىيە، لىۋىيە، بالقان ۋە كاۋكاز رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىدە ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاۋۇشئوغلۇ، تەرەپلەرنىڭ 2016- يىلدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسى مەزگىلىدە شېرىكچىلىكلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە كاندىدات دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ھەقىقىي ھەمكارلىققا تەييار» دېدى.

بارلىق مۇناسىۋەتلەردىكىگە ئوخشاش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بەزى ئىستەكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىستەكلىرى ئارىسىدا 18- مارت ئورتاق تونۇشىنىڭ ھەر جەھەتتىن يېڭىلىنىشى ۋە بۇ  ئارقا كۆرۈنۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇشى، تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش، ۋىزىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، كۆچمەنلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، يۇقىرى سەۋىيەدىكى دىيالوگ ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ دائىرىدە گىرېتسىيە بىلەن ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى، فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىچكى قىسىمدا دىققىتىنى ئىسلاھات مۇساپىسىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇن سۇنغان قىبرىسقا مۇناسىۋەتلىك «5 + بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» يىغىنى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇنى گوللاندىيەنىڭمۇ قوللايدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ گوللاندىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك خەلقىنىڭ گوللاندىيە جەمئىيىتىگە ئاكتىپ ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەر سۈپىتىدە ماسلىشىشىنى قوللايمىز.».

گېرمانىيەدىكى يۇقۇم ۋاكسىنىسىنى ياساپ چىققان تۈرك-گېرمان تەتقىقاتچىلار ئۇغۇر شاھىن ۋە رەپىقىسى ئۆزلەم تۈرەجىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ ، ئۇلارنىڭ تۈركلەرنىڭ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چاۋۇشئوغلۇ «8-نۆۋەتلىك ۋىتېنبۇرگ يىغىنى» نىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ۋە باشقا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا ئۇتۇق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر